ئىلاننى چىكىپ قويۇڭ......................
  • تارانچى ئاتالغۇسى ھەققىدە يېڭىچە قاراشلار

    تارانچى ئاتالغۇسى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلدى. بۇنىڭ ئىچىدە موڭغۇل تىلىدىن كەلگەن دېگەننى كۆپرەك ئۇچرىتىمىز. ئۇنداقتا موڭغۇللار بۇ ئاتالغۇنى زادى كىمدىن قوبۇل قىلغان؟ 
    موڭغۇلارغا سىرتتىن كىرگەن سۆزلۈكلەر ھەققىدە:
    ئىچكى موڭغۇل خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان <يىلىچىننىڭ موڭغۇلشۇناسلىق ھەققىدىكى ماقالىلىرى> ناملىق كىتابتا مۇنداق بايانلار بار: موڭغۇل تىلىغا ئوۋچىلىق مەزگىلىدە تۈركىي قاتارلىق تىللاردىن كىرگەن سۆزلەر 30 پىرسەنت ئەتراپىدا؛ چارۋىچىلىققا ئاىت ئاتالغۇلرنىڭ 70 پىرسەنتىنى تۈرك - ئۇيغۇرلردىن قوبۇل قىلغان(مەسىلەن، بۇقا - بۇخ، مارال - مارال...)؛ دېھقانچىلىققا ئائىت ئاتالغۇلارنىڭ 90 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى ئاساسەن ئۇيغۇرلاردىن قوبۇل قىلغان. 
    ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇللارغا تېرىقچىلىق - دېھقانچلىقنى ئۆگىتىشى
    بۇ ھەقتە چىڭگىزخان زامانىسىدا چىڭگىزخاننىڭ ئۇيغۇرلارنى قانداق ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە نۇرغۇن پاكىتلار بار. تۆمۈر تۆۋرۈك يۈەن سۇلالىسىنىڭ پايتەختى بېيجىڭدا تۇرۇپ، دېھقانچىلىققا ئائىت مەخسۇس كىتابلارنى يازغان، يەنە تۇرپان، بېشبالىق ھەمدە ئىلى، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىن نۇرغۇن ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ھالدا موڭغۇلىيەگە كۆچۈرۈلۈپ ئاپىرىلىپ، دېھقانچىلىققا سېلىنغان. بۇلار موڭغۇللارنىڭ دېھقانچلىق مەدەنىيىتىگە ئاساس سالغۇچىلاردۇر. ئۇ زامانلاردا ئۇيغۇرلار دېھقان دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلەيتمەيتتى. تارىغچى، تارىمچى، دەپ ئاتايتتى. دېھقان ئاتالغۇسى پارىسچە.

    خەتكۈچ: ئاتالغۇلار
  • شىنجاڭدىكى يەر ناملىرىنىڭ مەنىسى

    كورلا_ئۇيغۇرچە مەنىسى<<نەزەر تاشلىماق>>.
    بايىنبۇلاق_موڭغۇلچە مەنىسى<<كەڭرى يايلاق>>.
    خۇشۇت_مۇڭغۇلچە<<خېخىتې>>نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ،قەبىلىنىڭ نامى.
    باغراش_مۇڭغۇلچە مەنىسى <<قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇش>>.
    ئاقسۇ_ئۇيغۇرچە مەنىسى <<ئاق رەڭلىك سۇ>>.
    كۇچا_ئۇيغۇرچە<<تار كۇچا،خاڭ يولى>>قاتارلىق مەنىلەرگەئىگە.
    شايار_ئۇيغۇرچە مەنىسى <<يولباشچىنىڭ قول ئاستىدىكىلەرگە كۆيۈنۈشى>>دىن ئىبارەت.
    باي_ئۇيغۇرچە<<باي بولماق ،بايلىق>>دىگەن مەنىگە ئىگە.
    ئاۋات _ئۇيغۇرچە مەنىسى<<گۈللەپ ياشنىماق،ئاۋاتلاشماق>>.
    قىزىلسۇ_قىرغىزچە مەنىسى <<قىزىل رەڭلىك سۇ>>.
    ئاتۇش_ئۇيغۇرچە مەنىسى <<ئارچا دەرىخى>> بولۇپ،يەنە<<ئارچا،قارا ئارچا ياكى جۇڭگۇ ئارچىسى>>دىگەن مەنىلەرگە ئىگە.
    ئاقتۇ_قىرغىزچە مەنىسى <<ئاق تاغ>>.
    ئۇلۇغچات_قىزغىزچە مەنىسى <<چوڭ تاغ جىلغىسىدىكى ئاچال>>.
    ئاقچى_قىرغىزچە مەنىسى <<ئاق چىغ>>دىن ئىبارەت .
    قەشقەر_ئۇيغۇرچە مەنىسى <<ھەر خىل رەڭدىكى خىش ئۆي>>،قەدىمكى ساك تىلىدا<< قاشتېشى توپلانغان جاي>> دىگەندىن ئىبارەت.
    قەشقەر كونا شەھەر_ئۇيغۇرچە مەنىسى <<تۇپرىقى مۇنبەت،خەلقى باي>>.
    پوسكام_تاجىكچە مەنىسى <<ئالتۇن دەرياسى>> ئۇيغۇرچە مەنىسى<<مۇنبەت تۇپراق>>.
    يەكەن_قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى<<تىك قىيا(يار)دىكى شەھەر>>.
    قاغىلىق_ئۇيغۇرچە مەنىسى <<ئولتۇراقلىشىشقا
    بولىدىغان جاي،قاغا بىر قەدەر كۆپ جاي>>.
    مەكىت_ئۇيغۇرچە <<ئوتتۇرا بەلۋاغدىن كۆچۈپ كەلگەن ئادەم>>دىگەن مەنىگە ئىگە.
    يۇپۇرغا_قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى<<يارباكۇ>>دىگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ<<بىر قەبىلە>> دىگەن مەنىگە ئىگە.
    پەيزۋات_ئۇيغۇرچە <<ئىكى دەريانىڭ ئارىسى>> دىگەن مەنىگە ئىگە.
    مارالبېشى_ئۇيغۇرچە بۇغا بېشى>>دىگەن مەنىگە ئىگە
    .تاشقورغان_ئۇيغۇرچە<<تاش شەھەر>>دېگەن مەنىگە ئىگە.
    قارىقاش_ئۇيغۇرچە <<قارا رەڭلىك قاشتېشى>>دىگەن مەنىگە ئىگە.
    لوپ_ئۇيغۇرچە <<تاغاق سۆڭىكى>>يەنە <<لوپنۇرلۇقلار>>دىگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن دىگن قاراشمۇ بار.
    چىرىيە_ئۇيغۇرچە <<چىلان>>دېگەن مەنىگە ئىگە
    .

    خەتكۈچ: مەنىسى
  • ئۇيغۇر تىلىدىكى ھۈنەر - كەسپكە دائىر ئاتالغۇلار ھەققىدە

    تور بەت ئارلاۋىتىپ ،شىنجاڭ پەلىسەپە- ئىجتىمائىي پەنلەربېكىتىدە بۇ تىمىنى ئۇچرىتىپ قالدىم ،بۇ ئاتالغۇلارنى ھازىقى ئايرىم ساندىكى ياشلار بىلمەسلىكى مۇمكىن شۇڭا بىرلىكتە كورۇپ چۈشۈنىپ چىقايلى دىگەن مەقسەتتە كەچۇرۇپ ئەكىردىم. قىنى ئەمسە تورداشلار بىرلىكتى كورۇپ چۈشۈنىپ ئوتەيلى!

    ھۈنەر -كەسپ بىر مىللەتنىڭ ھاياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان مەدەنىيەت ھادىسىسى، ھۈنەر - كەسپ ئاتالغۇلىرىنى تەتقىق قىلىش مىللى مەدەنىيەتنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىشنىڭ ، شۇنداقلا شۇ ھۈنەر - كەسپلەرنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىنى، يىل دەۋرىنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئاساسى بولىدۇ.
        ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ھۈنەر - كەسپ ئاتالغۇلىرى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كۆپ ئەسىرلىك تارىخى تەرەققىياتى جەريانىدا تەدرىجى شەكىللەنگەن بولۇپ، كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت تارىخىمىز بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. ھازىرقى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تۇراقلاشقان مىللىيلىك ئالاھىدىلىكلىرى ھەرقايسى تارىخى دەۋرلەردىكى تۈرلۈك تەرەققىياتلار نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن . ئەنە شۇ جەرياندا ئۇيغۇر تىلىدىكى ھۈنەر -كەسپ ئاتالغۇلىرىنىڭ ئاساسى بارلىققا كەلگەن ۋە تەدرىجى راۋاجلىنىپ مۇكەممەلشكەن.
    تۆۋەندە تىلىمىزدىكى ھۈنەر - كەسپكە ئائىت قىسمەن ئالغۇلارنى كۆرۈپ باقايلى :
                1 -- تۆمۈرچىلىككە ئائىت قىسمەن ئاتالغۇلار
    1) ئاتەشكۈ _____ تۆمۈرچىلىك دۇكانلىرىدىكى ئوچاقنىڭ شامال كۆزىنى ئاچىدىغان ئىلمەك تۆمۈر.
    2) پوتال ______ ھەر خىل ئەسۋابلارنى زىننەتلەش، پەردازلاش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بۇيۇم.
    3) تولۋۇر ____ تۆمۈرچىلىكتە تۆشۈك تېشىلىدىغان تۆمۈرنىڭ ئاستىغا قويىدىغان تۆشۈكلۈك ياپىلاق تۆمۈر.
    3) تېكىنەك ___ تاقا مىخنىڭ ئۇچىنى قايتۇرىدىغان تۆمۈر ئەسۋاب.
    4) تىغچى ____ ئات ئۇلاغلارنى تاقىلىغاندا ، قېقىلغان مىخنىڭ ئۇچىنى كېسىدىغان قەلەم.
    5) جەندىر ____ تۆمۈرگە بۇرما چىقىرىدىغان ئەسۋاب.
    6) جۈپتەك ____ ئىنچىكە ۋە كىچىك نەرسىلەرنى قىسىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل قىسقۇچ.
    7) دوكپايە ____ تۆمۈرچى ، تاقىچىلار ئىشلىتىدىغان بىر خىل سەندەل، " مىخ سەندەل" دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
    8) سەندەل ____ تۆمۈرچىلەر تۆمۈرنى ئۈستىدە قويۇپ، بولقاياكى بازغان بىلەن ئۇرۇپ بىرنەرسە ياسايدىغان قۇيما ئەسۋاب.
    9) سىركا ____ تۆمۈرچىلىك دۇكانلىرىنىڭ ئوچىقى.
    10) قەللە ____ قەلەي بىلەن ئاليۇمىننىڭ قېتىشمىسى، تۆمۈر ئەسۋابلارنى پاياتلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
    11) قۇيۇچ ___ پولات، گاڭ.
    12) قىسقاچ ___ چوغلانغان تۆمۈرنى قىسىپ ئالىدىغان قايچىسىمان تۆمۈر ئەسۋاب.
    13)قىلات ____ چاقلانغان پىچاقنىڭ بىسىدىكى سۈيى يانغان ناھەيىتى نېپىز قىسمى.
    14) كۆرۈك ___ تۆمۈرچىنىڭ ئوتنى پۈۋلەپ يالقۇنلىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ، كۆپىنچە ئۆچكە تېرىسىدىن ياسىلىدىغان قاپسىمان پۈۋلەش ئەسۋابى.
    15) گوشا ____ چۆگۈننى قاپقاق بىلەن تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان جايى، ئاستى گىرۋەكلىك بولىدۇ.
    16) مورىگۈل ___ تۆمۈرچىلىكتە يوغانراق تۆمۈرلەرنى قىسىدىغان قىسقۇچ.
    17) ئوچاقنەيزە ___ ئىككى تەرىپىدىن شامال ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان تۆمۈرچىلىك ئەسۋابى.
            2 - موزدۇزلۇق كەسپىگە ئائىت بىر قىسىم ئاتالغۇلار
    1)ئاپقۇت ___ كۆن ۋە خۇرۇم قاتارلىقلاردىن تىكىلگەن ئاياغلارنىڭ پاشنا ئۈستىدىكى تاش بىلەن ئەستەر ئارىسىغا ئېلىنىدىغان قاتۇرما. كۆپىنچە تارىشا ياكى قېيىش چەمىدىن ئىشلىنىدۇ. بەزى جايلاردا " ئاخپۇت " مۇ دېيىلىدۇ.
    2) ئاپقۇتچى ___ ئاپقۇت ياسىغۇچى ، تەييارلىغۇچى كىشى، ئاپقۇت ساتقۇچى كىشى.
    3) بەلچە ____ ئاياغ كىيىمىنىڭ پاشنا ۋە چەم چۆرىسىنى تۈزلەپ سىلىقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تۆمۈر ئەسۋاب.
    4) بۈرەندە ___ موزدۇزلارنىڭ كۆن، خۇرۇم قاتارلىقلارنى كېسىدىغان، تىغى ئاي شەكىللىك ، ئەگرى ساپلىق ئەسۋابى.
    5) بىگىز ___ موزدۇزچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان ، مېتالدىن يىڭنىگە ئوخشاش ئۇچلۇق قىلىپ ياسالغان ياغاچ ساپلىق ئەسۋاب.
    6) ئۆكچە ___ ئاياغ كىيىمنىڭ پاشنىسى.
    7) پاشنا ___ ئاياغ كىيىمنىڭ تاپىنىغا قويۇلىدىغان ، چەم ياكى باشقا نەرسىلەردىن ياسالغان قاتۇرما، ئۆكچە.
    8) پالقان __ ئاياغ كىيىمنىڭ سوڭىغا ئورنىتىلغان قەلەي.
    9)پوركاپ ___ ئۆتۈكنىڭ قونچىغا سېلىپ، پاشنىسىنى مىخلايدىغان دۆگىلەك ياغاچ كالتەك.
    10) تۆمۈنە ___ ئۇچى نەيزىسىمان ، ئۆتكۈر كېلىدىغان ، يىپنى ئىلىپ تارتىدىغان تۆشۈكى بار، تۇتقۇچلۇق چوڭ بىگىز.
    11) چەتنو ___ ئامبۇرنىڭ بىر خىلى.
    12) چوپسا ___ خۇرۇم، چەم قاتارلىقلارنى سىلىقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب.
    13) دىستە ___ ئاياغنىڭ پاشنىسى.
    14) مۇلغۇي ___ موزدۇزنىڭ شىلىمى .
    15) سەيدۇ ___ تېرە، خۇرۇم قاتارلىقلارنى كېسىدىغان پىچاق.
    16) كاسىۋال ___ ئۈچ قىرلىق ئېكەك.
    17) دەستەك ___ ئاياغ كىيىمنىڭ پاشنىسىغا چاپلانغان ، باشلىقىغا ئۇلاپ تىكىلىدىغان قىسمى.
    18) ئۇلتاڭ ___ ئاياغ كىيىمنىڭ يەرگە تېگىپ تۇرىدىغان قىسمى، دەسسىلىدىغان يېرى؛ تاپان، چەم.
    19) نال ___ ئاياغ كىيىمنىڭ پاشنىسىغا ياكى چەمنىڭ ئۇچىغا قېقىلىدىغان تۆمۈر بۇيۇم، كىچىك تاقا.
    20) ئىسمائىلتاپ ____ موزدۇزلۇقتا يىپنى ئىلىپ قويۇپ ئىشلىتىدىغان ئىلمەك تۆمۈر.
    21) يانتوقا ___ ئاياغ كىيىمنىڭ ئاياغنى چىڭىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يان تەرەپتىكى توقىسى.
    22) روپچىك ____ موزدۇزلۇقتا ئىچ چەم بىلەن باشلىقنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ تىكىلىدىغان تاسما.
    23) دەزگىل ____ موزدۇزچىلىقتا تىكىلىدىغان كۆن ، خۇرۇم قاتارلىقلارنى قويۇپ، ئۈستىدىن باستۇرۇپ تۇتۇپ تۇرىدىغان تاسما.
    24) دۇپىي ___ موزدۇزلۇقتا ئاياغنى چەملەش ، مىخلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ، شەكلى پۇتقا ئوخشايدىغان، بىر تەرىپىنى يەرگە ياكى كۆتەككە قېقىپ قويۇدىغان تۆمۈر ئەسۋاب.
    25) كوۋا ___ موزدۇزلار رەختنى تۈزلەش، چىڭداش، پاشنا قاتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلىتىدىغان ، تاپىنى كەڭ مېتال ئەسۋاب.
          3 - موزدۇزلۇقتا چەتتىن كىرگەن ئاتالغۇلار
    1) بەتىنكە ___ [رۇسچە] كۆن ياكى خۇرۇمدىن تىكىلگەن قىسقا قونچلۇق ئاياغ.
    2) باجىڭگىر ___ [رۇسچە] كۆن، خۇرۇمدىن تىكىلگەن كالتە قونچلۇق ، بوغقۇچلۇق ئاياغ، قونچلۇق توپلەي.
    3) بوتىي ____ [رۇسچە] ئاياللار ۋە بالىلار كىيىدىغان قىسقا قونچلۇق، قونچىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە ۋە بوغقۇچلايدىغان يېرىگە تېرە تۇتۇلغان قىشلىق ئاياغ.
    4) توپلەي ___ [رۇسچە] ئەر -ئاياللارنىڭ يازلىق ئاياغ كىيىملىرىنىڭ ئومومى نامى.
    5) چوسۇنكا ___ [رۇسچە] قونچى ئىگىز، باشلىقى خۇرۇم ، تاپىنى چەمدىن ئىشلەنگەن پاشنىلىق پىيما.
    6) شىبلىت ____ [رۇسچە] خۇرۇمدىن تىكىلەەن ئەرەنچە كۈزلۈك، ئەتىيازلىق ئاياغ.
    7) موما خەي ___ [خەنزۇچە] رەختتىن تىكىلگەن قىشلىق ئاياغ كىيىمى
    .

    خەتكۈچ: ئاتالغۇلار
  • مۇھەببەت ئۇ

    بىر يىگىت ناھايىتى باي بىر قىز بىلەن بايلىقى ئۈچۈنلا  توي قىلىپتۇ. لىكىن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى بەختلىك بولماپتۇ. يىگىت قىزنى دائىم ئۇرۇپ تىللايدىكەن. ئاخىرىدا بەدخەجلىكتىن ئىگىلىكى ۋەيران بوپتۇ. يىگىتنىڭ دوستلىرى ئۇنى ئارىغا ئالماپتۇ. كىشىلەر نەپرەت بىلەن قاراپتۇ.لىكىن قىز، ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپتۇ. يىگىت يىغلىغاندا يىغلاپتۇ دەردىگە دەرمان بوپتۇ. يىگىت ھەيران قاپتۇ ۋە قىزدىن نىمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى سوراپتۇ.

    قىز:<<مۇھەببەت - ئۇ تەسەللى>> دەپتۇ. كىيىن يىگىت يەنە قىزنىڭ ياردىمىدە ئىگىلىك تىكلەپتۇ. لىكىن قىزغا مەسلىھەت سالماي، پايچەك ئويناپتۇ. نۇرغۇن يامان ئىشلارنى قىلىپتۇ. قىز بۇ ئىشلارنى ئۇقۇپ قاپتۇ. تاپا - تەنىمۇ قىلماپتۇ. يىگىت يەنە سوراپتۇ.

    قىز:<< مۇھەببەت - ئۇ قوللاش>> دەپتۇ.

     كىيىن يىگىت باشقا بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ ۋە توي قىلماقچى بوپتۇ. ئايالىدىن ئاجىرىشىش تەلىپىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپتۇ. قىز يەنىلا چىرايلىق كۈلۈپ تۇرۇپ:<<مۇھەببەت - ئۇ كەچۈرۈش>> دەپتۇ.

    ئارىدىن 5 يىل ئۆتۈپ، يىگىت ئاق قان كىسىلىگە گىرىپتار بۇلۇپ يىتىپ قاپتۇ. كىيىنكى ئايالى ئۇنى تاشلاپ كىتىپتۇ. ھېچقانداق دوستلىرى ئۇنىڭغا قارىماپتۇ. يىلىك جىددى لازىم بۇلۇپ، ھېچيەردىن تاپالماپتۇ. ئاخىرىدا بىر نامسىز ئايال يىلىكىنى تەغدىم قىلىپ جان ئۈزۈپتۇ. ئايالنىڭ ئوبرازى ۋە ئىمزاسىنى كۆرۈپ، يىگىت بۇقۇلداپ يىغلاپ كېتىپتۇ. چۈنكى ئىمزاغا << مۇھەببەت - ئۇ ساداقەت>> دەپ يېزىلغان ئىكەن.

    بىرقانچە يىلدىن كىيىن، يىگىتمۇ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. قەبرىسى قىزچاقنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىغا قۇيۇلۇپتۇ. قەبرە تېشىغا << مۇھەببەت - ئۇ قەرز>> دەپ يېزىلىپتۇ

    خەتكۈچ: مۇھەببەت
  • قايسى چاغ قەلبىمگە كىردىڭ شەپىسىز،
    مۇھەببەت ئوتىنى ياققانتى كۆزۈڭ.
    بۇ كۆڭلۈم بىر پەقەت ساڭىلا تالىق-
    سۆيىمەن ئۆلگىچە دىگەنتىڭ ئۆزۈڭ.

    ۋە لىكىن سۆيگۈمگە قىلدىڭ ئاسىيلىق،
    سۆيگۈنىڭ پاكلىقى نەلەردە قالدى؟
    ۋىجدانىم غورۇرۇم ئەيلىدىڭ خازان،
    قىلمىشىڭ يۈرەكنى ئازاپقا سالدى.

    كەچۈر دەپ ئالدىمدا تىزلانما ئەمدى،
    بولدى بەس كۆڭلۈڭنى قىلمىغىن ئىزھار.
    قەلبىمنى قەبرىگە كۆمدۈڭ سەن شۇ تاپ،
    سۆيگۈڭدىن تەسەللى تاپماسمەن زىنھار.

    خەيىر-خوش مۇھەببەت ئەلۋىدا ساڭا،
    كۈتمەسمەن سېنىڭدىن قىلچىلىك ۋاپا.
    بىلمەستىن ئەسلىڭنى سۆيگەن بولسام گەر،
    باركەنتۇق ئەسلىدە ئۆمۈرلۈك جاپا.

    يېڭى يىل بېغىشلار يېڭىچە سۆيگۈ،
    ئارمانلار ئىلكىدە باخاشلاي ئۈمۈت.
    نامەرىتكە سۆيگۈمنى بەرمەسمەن ئەمدى.
    روھىمدىن ھالقىيمەن قىلماسمەن سۈكۈت.

     

    مەنبە :http://www.uighurboy.com

    خەتكۈچ: قەلبى
  • غەيۋەتچى

    ئەپەندىمنىڭ غەيۋەتخور بىر ئاغىنىسى بولۇپ، بىر ئادەمنى كۆرسىلا، ئۇ ئانداقچى، بۇ مۇنداقچى، دەپ غەيۋىتىنى قىلىدىكەن. بىر كۈنى ئەپەندىم ئاغىنىلىرى بىلەن بىر سورۇندا ئۆزئارا پاراڭ بىلەن ئولتۇرسا، ھېلىقى غەيۋەتخور ئاغىنىسى تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپتۇ  ھەمدە ئەپەندىمنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئېلىپتۇ - دە، يەنە ئۇ دېگەن ئانداق، بۇ دېگەن مۇنداق، پالانچى دېگەن ئۆتۈپ كەتكەن گىرى نەرسە، دەپ ئۇرۇندىن - ئۇزۇنغا غەيۋەت قىلىشقا باشلاپتۇ. باشقىلار بىر - بىرىگە قارىشىپ شۈك ئولتۇرۇپتۇ. ھېلىقى غەيۋەتخور باشقىلارغا قاراپ: - ئاغىنىلەر، تىلىڭلارنى مۈشۈك ئۈزۈۋالغاندەك جىم ئولتۇرماي گەپ قىلىپ ئولتۇرمامسىلەر؟ - دەپتۇ. - گەپ قىل دېسەڭلار تازا قىلىدۇ، ئەمما سىلىدىن ئەنسىرەۋاتىدۇ، - دەپتۇ ئەپەندىم غەيۋەتخور ئاغىنىسىگە. - نېمىدىن ئەنسىرەيسىلەر؟ - دەپتۇ غەيۋەتخور ئاغىنىسى ئەپەندىمگە سوئال نەزەرى بىلەن قاراپ. - نېمىدىن ئەنسىرەيتتى، - دەپتۇ ئەپەندىم ئاغىنىسىغا قاراپ، - ئەتىگەندىن بېرى سىلەر غەيۋىتىنى قىلمىغان ئادەم تۈگۈل ھايۋانلارمۇ قالمىدى، يەنە بىردەم ئولتۇرساق بىزنىڭ ئۈستىمىزدىنمۇ غەيۋەت - شىكايەتنى باشلىۋېتەرمىكىن، دەپچۇ؟ سورۇندىكىلەر ئەپەندىمگە بارىكاللا ئېيتىپ رەھمەت ئېيتىپتۇ. غەيۋەتخور بولسا جىمىپلا كېتىپتۇ

      قۇربانلىق   

     

    ئەپەندىمنىڭ قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن بېقىۋاتقان قويى ئېغىلدىن قېچىپ چىقىپ، مەسچىتنىڭ ھويلىسىغا كىرىۋاپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئىمام ئەپەندىمگە: - ئەپەندىم، مەسچىت دېگەن ئاللانىڭ ئۆيى تۇرسا، قوي كىرىۋالسا يامان بولمامدۇ؟ - دەپ ئاچچىقى كەپتۇ. - ئۇنداقتا، - دەپتۇ ئەپەندىم ئىمامغا سوئال نەزەرى بىلەن، - قۇربانلىق قوينىڭ تېرىسى كىرسە قانداق بولار؟ ئىمام ئەپەندىمنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ ئاغزىنى ئېچىپ تۇرۇپلا قاپتۇ.
    خەتكۈچ:
  • بۇگۇندىن باشلاپ تور پۇتۇن ئىچىۋىتىلدى. 
    شۇڭا مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بائارلىق دوستلارغا ئوتلۇق سالام يوللايمەن،بۇندىن كىيىن مەيلى قانداق ئىش بولمىسۇن بىر-بىرىمىزدىن يادەم سوراپ ، قولىمىزدىن كىلىشىچە ياردەم قىلىپ ئوتسەك دىگەن ئارزۇ دىمەن!

    خەتكۈچ:
  • 1- ھەر كۇنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 12 بوۋاق دوختۇرخانىلاردا ئاتا- ئانىسىغا خاتا بىرىلىپ قالىدۇ.
    2- ئادالۇف.ھېتلىرنىڭ ئانىسى ئۇنى تۇغۇلماستىنلا چۇشۇرۋەتمەكچى بولغان ، بىراق دوختۇرلار نەسىھەت قىلىپ تۇغۇلۇپ قالغان، شۇ سەۋەپ دۇنيادا زور ئۆزگۇرۇش بولدى.
    3- شاكىلات ئىتنىڭ « ئۆلۇم دورىسى» ، ئازراقلا شاكىلات يەپ سالغان ئىت بىردەمدىلا ئۆلىدۇ.
    4- قايچىنى داڭلىق رەسسام داۋېنچ كەشىپ  قىلغان .
    5- داۋېنچ بىر قولىدا خەت يىزىپ ، بىر قولىدا بىرلا ۋاقىتتا رەسىم سىزالايدۇ.
    6- ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى مەزگىلدە تارقىتىلغان «ئوسكار مۇكاپاتى» لۇڭقىسى ياغاچتىن ياسالغان ئىدى.چۇنكى ئۇ چاغدا مىتال بەك ئەتىۋارلىق بولغان.
    7- ئادەم تەخمىنەن 7 مىنۇتتا ئۇيقۇغا كىرەلەيدۇ.
    8- مۇشۇك ئىنجىلدا بىردىن-بىر تىلغا ئىلىنمىغان ئۆي ھايۋىنى.
    9- كونۇپكا تاختىسىدىكى مەشخۇلاتنىڭ% 56 تى سول قولدا ئىلىپ بىرىلىدۇ.
    10- "dreamt"  بىردىن- بىر " mt"  بىلەن ئاخىرلاشقان ئىنگلىزچە سۆز.
    11- «كوكا- كولا » ئەڭ دەسلەپ يىشىل رەڭدە ئىدى.
    12- « assassination»  بىلەن  «bump» دېگەن ئىككى سۆزنى شېكىسپىر ئىجات قىلغان.
    13- ئومومەن، دۆدىن قورقىدىغانلارنىڭ ئۆمرى قىسقا بولىدۇ.
    14-كىپىنەكنىڭ تەم سېزىش ئورگىنى پۇتىدا بولىدۇ.
    15-پىل سەكرىيەلمەيدۇ.
    16-  111,111,111x111,111,111=12,345,678,987,654,321
    17- قارغۇ بولىدىغان ئاياللار ئەرلەردىن بىر ھەسسە كۆپ بولىدۇ.
    18-دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئىسىم « مۇھەممەد » دۇر.
    19-يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتا 300 پارچە سۆڭەك بولىدۇ، ئۇ يىتىلگەندە 206 پارچا سۆڭىكى بولىدۇ.
    20-ھەر بىر ئادەم ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۇنىگە 6 قېتىم ھاجەتخانىغا بارىدۇ.

    خەتكۈچ: